باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ 8000دىن ئارتۇق تەكلىپى بىرتۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

نۇقتىلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەكلىپىدىن 22سى بېكىتىلدى

2019.04.12 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى، تەنقىدى ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر جەمئىي 8160 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 193 ئورۇننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەكىللەر تەكلىپىنى بىرقانچە تارماقنىڭ ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە بېرىلىدىغىنىدىن 5651ى بولۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ ٪69.2ىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ تەكلىپ ئېلىش ئاساسىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى نۇقتىلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان تەكلىپتىن 22نى بېكىتكەن، بۇ ۋەكىللەر تەكلىپىنىڭ 276سىگە چېتىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 17 ئورۇننىڭ باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەتتە مەخسۇس كومىتېتى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر