باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلىپاي ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرز قايتۇرغاندا، كېلەركى ئايدىن باشلاپ ھەق ئېلىنىدۇ

2019.02.22 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-فېۋرال ئەلىپاي تەرەپتىن ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، ئەلىپاي ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرغاندا، مۇلازىمەت ھەققى ئىلىنىدىكەن.

  ئەلىپاي تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ھەق ئېلىشنىڭ سەۋەبى ئۇنىۋېرسال تىجارەت تەننەرخىنىڭ بىر قەدەر تېز ئۆرلىگەنلىكىدىن بولۇپ، ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قايتۇرۇش مۇلازىمەت قائىدىسىنى تەڭشەش بولسا، قىسمەن تەننەرخ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىكەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەلىپاي ھەربىر كىشىنى ئېيىغا 2000 يۈەنلىك ھەقسىز ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىگەن. مۇنداقچە ئېيتىقاندا، 2000 يۈەن ئىچىدە يەنىلا ھەقسىز ئىكەن، 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن %0.1 بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدىكەن. ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقسىز نورمىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولسا، ئەلىپايدىكى ئەزالار جەملىمە نومۇرى ئارقىلىق ئالماشتۇرسا بولىدىكەن.

  ئەلىپاي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر قايتۇرۇش سوممىسى بەك يۇقىرى بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر تور بانكىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەقسىز قايتۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر