باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىسى سىپىڭ شەھەرلىك سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى سۇن يەنجۈن پارا ئالغانلىقتىن سەككىز يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2019.01.10 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار، جىلىن ئۆلكىسى سۇڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىپىڭ شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى سۇن يەنجۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار سۇن يەنجۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 600 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى، تۇتۇپ قېلىنغان ھارام پۇل مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  سوت قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 2007-يىلى 11-ئايدىن 2014-يىلى 7- ئايغىچە، جاۋابكار سۇن يەنجۈن سىپىڭ شەھىرى يىتوڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، سىپىڭ شەھىرى لىشۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت ھاكىمى، سىپىڭ شەھىرى لىشۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن، كۆپ قېتىم ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى قۇبۇل قىلغان ۋە تەلەپ قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 5 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  سۇڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار سۇن يەنجۈن دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە پايدا يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قۇبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. جاۋابكار سۇن يەنجۈن دىلو تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ، ئىقرار قىلىش ئەھۋالى بار، باشقىلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان بولۇپ، خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ، ھارام پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال بار بولغاچقا، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت مەھكىمىسى شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر