باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ (نوپۇزلۇق ئاخبارات)

2019.01.10 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان سىياسىتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت سورىغاندىكى سوئاللىرىغا قارىتا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 12366 بېيجىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەردى:

  سوئال : شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى APPغا تىزىملاتقاندا، «خىزمەت ئورۇنلىرى» دېگەن ئورۇندا ئۆزى ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان ئىدارە-ئورۇنلار كۆرۈلسە قانداق قىلىمىز؟

  جاۋاب: بەلكىم باج تاپشۇرغۇچى سالاھىيەت ئۇچۇرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. باج تاپشۇرغۇچى APP كۆزنىكىدە شۇ ئورۇننىڭ نامىنى چېكىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «ئەرز قىلىش» كۇنۇپكىسى ئارقىلىق «ئەرز» قىلسا بولىدۇ، بۇ، باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، باج سېلىقىنىمۇ كۆپەيتىۋەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج ئىشلىرى تارماقلىرى باجغا چېتىشلىق ئۇچۇرنى ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  سوئال: ئىدارە-ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى مالىيە خادىمى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشى كېرەكمۇ؟

  جاۋاب: باج تاپشۇرغۇچى ئۆزى تولدۇرغان مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ئۇچۇرىنىڭ راستلىقى، توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. دېمەك، ۋاكالىتەن پۇل تۇتۇپ قالغۇچى ئورۇننىڭ مالىيە خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھاجەتسىز.

  سوئال: نۆۋەتتە ئۆي قەرزىنىڭ پۇل تۇتۇپ قېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولمىسىچۇ؟

  جاۋاب: تېزدىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك. ئەگەر يوللاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان باج چىقىرىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىلەنمىگەن بولسا، باج تاپشۇرغۇچى ئۆز ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاپ يوللىغاندىن كېيىنكى ئايلارنىڭ ئىچىدە تولۇقلاپ بەھرىلەنسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر