- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بىر شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە بىر ئەر كىشى بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2019.01.09 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك شىچېڭ رايونى خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 11دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، شۈەنۋۇ رايونى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بىر شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە بىر ئەركىشى بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقەدە جەمئىي 20 بالا يارىلانغان بولۇپ، ھەممىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3 بالىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان، ئەمما ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ھازىرچە ھاياتلىق ئالامىتى مۇقىم بولۇپ، ھاياتىدا خەۋپ يوق ئىكەن. گۇماندار نەق مەيداندا كونترول قىلىنغان. شەھەرلىك ۋە رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، مائارىپ ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر