باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «يۈز مىلياردلىق كان ھوقۇقى دېلوسى»نىڭ ئارخىپى يوقاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈردى

2019.01.09 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، توردا ئىنكاس قىلىنغان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-سوتىدا قاراپ چىقىلغان شەنشىنىڭ يۈلىندىكى كەيچىلەي ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىئەن گېئولوگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش-ئېچىش ئورنىنى ئەرز قىلغاندىكى توختام ماجىراسى دېلوسىنىڭ ئارخىپى يوقاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يېقىندا، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى باشلامچىلىق قىلىدىغان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتنىشىدىغان بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ قانۇن-ئىنتىزام بويىچە تەكشۈرگەن، ئالاقىدار پاكىتلار ئېنىقلانغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «يۈز مىلياردلىق كان ھوقۇقى دېلوسى»نىڭ ئارخىپى يوقاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشىنى قەتئىي قوللاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر