باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى


جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋاشىنگتوندا جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2018.11.07 17:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋاشىنگتوندا ۋاشىنگتون بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى ۋە 2018-يىللىق پۈتۈن ئامېرىكا-جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇش ئورتاق ساداسىنى چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئەڭ ئاخىرى بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش-ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر 11-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، پۈتۈن ئامېرىكا-جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. پۈتۈن ئامېرىكا-جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسى 2006-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر