باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى قاراڭغۇ تاغ كەنتىنىڭ بېيىش يولى

2018.11.07 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاراڭغۇ تاغ كەنتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، بۇ يەردىكى مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. پۈتۈن كەنتتە بىرمۇ ئېلېكتىر ئىستولبىسى ۋە بىر مېتىرمۇ ئېلېكتىر سىمى يوق ئىدى، كەنتكە بارىدىغان تاغ يولى ئەگرى-بۈگرى، خەتەرلىك ئىدى. 2014-يىلى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ھەر بىر ئائىلىگە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تاختىسى ئورنىتىپ بەرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى توك ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. ئەمما يامغۇر ياغقان، قۇم-بوران چىققان كۈنلەردە، پۈتۈن كەنتتە توك توختاپ قالاتتى، ھاۋا ئېچىلغاندا پەقەت بىر نەچچە سائەتلا يورۇتقىلى بولاتتى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەكرى ئابدۇللا كۆپچىلىككە ئېلېكتىر ئىستولبىسى كەنتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى دېدى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. 66 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مەمەت خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى كۆرۈپ، ئېشەكتىن باشقا يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ باقماقچى بولدى؛ گۈلنىياز 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاشتېشى يېزىسىغا بېرىپ ماشىنا بىلەن خېمىر يېيىش تېخنىكىسى ئۆگەنمەكچى بولدى، كىشىلەر بۇ كۈننى بەك ئۇزاق كۈتكەن ئىدى.

  خوتەن ناھىيەلىك توك تەمىنات شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لۇيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى 4-ئايدا 33 مىليون 950 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، چوڭ ئېلېكتىر تورىنى قاراڭغۇ تاغ كەنتى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن نىسا كەنتىگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى ھەم 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە پۈتتۈرۈشكە ۋەدە بەردى. چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 6-ئايدا قۇرۇلۇش باشلاندى.

  قۇرۇلۇش ئۆز قەرەلىدە پۈتتى. گۈلنىيازنىڭ ماشىنا بىلەن خېمىر يېيىش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، ئۇ كۈنىگە ئەڭ ئاز بولغاندا يۈز يۈەن كىرىم قىلالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ چارۋا بېقىپ تاپقان پۇلىدىن كۆپ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ لۇيىدىن، ھازىر مەن ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىمەن، بۇ توك يورۇقلۇق ۋولتقا ئوخشاش بىردەم بار، بىر دەم يوق بولۇپ قالماس-ھە دەپ سورىدى، لۇيى بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ توك توختاپ قالمايدۇ دەپ جاۋاب بەردى.

  تۇرسۇن مەمەت تولۇپ تاشقان ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: قاراماي يول بۇلتۇر پۈتتى، يېزىغا ۋە شەھەرگە ئەمدى تىك يارلارنى بويلاپ بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ يىل بىز يەنە ھەقسىز خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردۇق، توك توختاپ قالمايدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلدى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۆت مىليارد 472 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلدى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات جايلار نەپ ئالدى.

  شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىر ئۇل ئەسلىھەسىدىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز سىياسەت چىقىرىپ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ، نامرات جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى تېرىشىپ ياخشىلىدى، 2017-يىلى تاشيول قاتنىشى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 28 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يېزا تاشيولى ياسىدى، بۇ يىل يېڭىدىن 15 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ۋە ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئېغىر نامرات جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى قىيىنچىلىقىنى يەنىمۇ ھەل قىلىشنى پىلانلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر