باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت ئاگېنتلىقى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى

2018.11.07 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى . سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت ئاگېنتلىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى : ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى ،شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بازارنى داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىدىغانلىقى، ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت ئاگېنتلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندىن باشلاپ يېقىندىن دىققەت قىلدى ، ھەمدە كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن دەرھال خەۋەر بەردى . سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقى خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستانى كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يول ئېچىشنى، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېكسپورتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى . سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى نامايان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر