- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتنى شەرتلىك باشلاشنى خالايدۇ دېدى
2018.11.07 16:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرف يېقىندا، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن يېڭى يادرو مەسىلىسى كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ 2015 - يىلى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى . ئىران خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، زەرىف يېقىندا بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئەگەر مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارالايدىغان بولسا ، ئىران دىپلوماتىيەسىنىڭ ناھايىتى جانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسە ، ئىران ئامېرىكا بىلەن يېڭى يادرو كېلىشىمى ئۈستىدە كېڭىشىشكە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر