باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: كەلگۈسى 15 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىمپورت سوممىسى 24 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ

2018.11.07 17:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە رەسمىي باشلاندى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ بىننەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى 15 يىلدا جۇڭگو 24 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىق تاۋار ئىمپورت قىلىشى مۇمكىن، ئىشىنىمىزكى جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ۋاڭ بىننەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بازارنى ئېىچۋېتىش، ئىمپورتنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى. بىز جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى خالايدىغان كارخانىلارنى مۇھىم يوللار بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلايمىز. چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودىسىدا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە، مەسىلەن؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز بىر يۈرۈش تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر