باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقلىرى قانىلى ئىشلىگەن ئالاھىدە خەۋەر

ئابدۇشۈكۈر مىجىت: «ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ھەممىدىن ئەلا»-شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ يادنامىسى (يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر)

2018.11.06 16:12   مەنبە: خەلق تورى

ئابدۇشۈكۈر مىجىت: «ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ھەممىدىن ئەلا»-شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ يادنامىسى (يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر)

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت شىنجاڭ بوكسچىلىقىدا تۇنجى ئالتۇن مېدالنى ئالغۇچى ھەم شۇنداقلا شىنجاڭدىن چىققان تۇنجى «جۇڭگو بوكس شاھى». نۆۋەتتە ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، دۆلەتلىك ئەرلەر بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەكتە.

  ئابدۇشۇكۈر مىجىت شىنجاڭ كەسپىي بوكس كوماندىسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاددىيلىقتىن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكىدەك دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كوماندىلار ئېتىراپ قىلىدىغان، مۇئەييەن تەسىر كۈچكە ئىگە كۈچلۈك كوماندىغا ئايلىنىشىنىڭ شاھىدى. ئۇ 80-يىللاردا بوكس ھەرىكىتىگە قىزىقىپ، 90-يىللاردا كەسپىي بوكس تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2000-يىللاردىن ھازىرغىچە ئاز كەم 20 يىللىق بوكس تىرېنېرىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شىنجاڭنىڭ بوكس كەسپى تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى، 94-يىلىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان <كىچىك بىر كوللېكتىپ>تىن ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى، دۆلىتىمىز بوكس ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بازىسى بولغان كۈچلۈك قوشۇنغا ئايلانغۇچە، بىز جاپانى يېڭىپ، بوشاشماي تىرىشىدىغان كۈرەش جەريانىنى باشتىن كەچۈردۇق. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقى، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە يېتەكلىشىدە بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلدى. بۇ نەتىجىلەر ھەم شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل ئەنئەنىسى بويىچە <ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ھەممىدىن ئەلا> دەيدىغان مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار روھنى ئۆزىمىزگە تۈرتكە قىلىپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىشىمىز نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن. نۆۋەتتە، بىز 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئېلىمىز ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ مەشىق قىلماقتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ھەم <ۋەتەننىڭ شەرىپى ھەممىدىن ئەلا> دېگەن شوئارىمىزدەك، ئېلىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى ئېلىشقا تىرىشىمىز!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…