- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
3- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىش يىغىنى سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلدى
2018.11.07 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
3- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئوتتۇرا ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 5 -كۈنى بوسنىيە گېرتسىگۇۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا باشلاندى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. سارايېۋو شەھىرىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى تۇنجى ترالىبوس سارايېۋودا بارلىققا كەلگەن، سارايېۋو يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشنى خالايدۇ ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىدۇ . جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 قا يېقىن كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر