باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا «كاپالەت تورى» ھازىرلاپ بەردى

2018.11.07 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇدا چوڭقۇر يولغا قويۇۋاتقان ياخشى سىياسەتلەر ئارقىلىق ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قالغان «ياشانغانلار، قورامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مىيىپلار، ئېغىر بىمارلار»دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھەممىسىنى يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا خەلق تۇرمۇشى «كاپالەت تورى» ھازىرلاپ بەردى.

  خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى گۇلاخما بازىرى بەخت كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كىشى بېشى تېرىلغۇ يېرى ئىككى موغىمۇ يەتمەيتتى. 28 ياشلىق روزىنىيازخان ئىمىرغازى ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنى باقىدۇ، ئۇنىڭ بىر مو يەردە قوناقلىقى بولغاندىن سىرت ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەيى ئىشلەمچىلىككە تايىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بالىلىرىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بار، بۇ يىلدىن باشلاپ مەن يېزا ئەتراپىدىكى بىر باقمىچىلىق كارىىسىدا باققۇچىلىق قىلىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلدىم. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىمىزنىڭ مۇھىم تۇرمۇش كاپالىتى مەنبىيىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  «ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرىنى تۈركۈملەپ يولغا قويۇش»-شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىنى دەل جايىدا يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەر يىلى ئىككى مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 320مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ ھەممىسى يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر