باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت يەمەن توقۇنۇشىغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

2018.11.07 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن كىرىزىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇنداقلا يەمەن توقۇنۇشىغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  يەمەن ھۆكۈمىتى يېقىندا، بۇ دۆلەتتە نەچچە يىل داۋاملاشقان قوراللىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتەكچىلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يېقىندا يەمەننىڭ پورت شەھىرى خۇدەيداھ ئەتراپىغا ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن جابدۇقلانغان قىسىملىرىنى توپلىدى .

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇخبىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە ، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بېسىم ئىشلىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى يەمەن ئۇرۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ تېخى ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقتىن ، تىنچلىق سۆھبىتى يولى يەنىلا توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ، ئىستىقبالى ئانچە كۆڭلىدىكىدەك ئەمەس .

  يەمەن ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى بولغان سابا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ ، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىللىگەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى مارتېن گىرىففىت 10- ئاينىڭ 31-كۈنى يەمەندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ،بىر ئاي ئىچىدە يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى شۇ كۈنى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ قوراللىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشنى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ۋە ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خانت قاتارلىقلارمۇ يېقىندا يەمەن توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى بەس - بەستە مۇراجىئەت قىلدى . بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئەڭ كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىشى بولۇپ، باشقىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا خاشوقچى دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندى.

  بېيجىڭ داشۆسى ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ بىڭبىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى قوللىغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتەكچىلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئارزۇسى. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى خاشۇقچى دېلوسى تۈپەيلىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور بېسىمغا ئۇچرىدى ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەمەن ئۇرۇشى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوخشاشلا يۈك ، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يەمەندىكى جەڭ مەيدانىدىن ئۆزىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  2014 -يىلى 9-ئايدا يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى پايتەخت سانانى ئىشغال قىلدى ، كېيىن يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى ، زۇڭتۇڭ ھادى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى. 2015- يىلى 3-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇساي قوراللىق كۈچلىرىگە « كەسكىن بوران » ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. بۇيىل 6 - ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پورت شەھىرى خۇدەيداھنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىدى .

  لېكىن ئۈچ يېرىم يىل داۋاملاشقان يەمەن ئۇرۇشى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچۈن ئېيتقاندا قېيىن بولۇپ ، گەرچە زور ئادەم كۈچى ، مالىيە كۈچى ، ماددىي كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ، كۆزلىگەن نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى .

  6-ئايدا ،خۇدەيداھ ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل يەمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارالدى ، شۇڭا ، ھەرىكەت جەريانىدا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدى. بىر تەرەپتىن، ئېغىر قوراللارنى ئاھالىلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان خۇدەيداھدا ئىشلىتىش تەس بولدى ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش قىلغاندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ھازىرغىچە بەك كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى .

  خۇدەيداھ يەمەن ئۇرۇشنىڭ بىر كارتىنىسى ، سادا ۋە تەئىز قاتارلىق ھۇجۇم قىلىش قېيىن بولغان ئۆلكىلەرمۇ ئوخشاشلا بىرلەشمە ئارمىيە ئۈچۈن قاباھەتلىك جايغا ئايلاندى . قورال - جابدۇق جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسىمۇ غەلىبە قىلالمىغانلىقتىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتتىكىلەرنىڭ گۇمانى ساداسى بارغانسېرى كۈچەيدى ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بېسىمىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشتى .

  بىرلەشمە ئارمىيە يېقىندا خۇدەيداھ ئەتراپىغا ئەسكەر توپلىدى، ۋۇ بىڭبىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوبرازنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا ، رايون تەسىر كۈچىنى ساقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك ،بىراق جەڭ مەيدانىدا ۋەزىيەت يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، شۇڭا ئۇنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل .

  گەرچە تىنچلىق سۆھبىتى مۇراجىئىتىگە ھەرقايسى تەرەپلەر ئاۋاز قوشقان بولسىمۇ ، لېكىن جەڭ مەيدانىدا ، كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش ئەھۋالى كۈچىيىپ كەتتى . يېقىندىن بۇيان،بىرلەشمە ئارمىيە خۇدەيداھ ۋە سادامدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىگە ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن جابدۇقلانغان قوشۇن ۋە تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار توپلىدى . بىراق قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئالدىنقى سەپكە ئەسكەر توپلاپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى . تەھلىلچىلەر تىنچلىق سۆھبىتى قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئىستىقبالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر