باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە مۇلازىمەت سودىسى ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

2018.11.07 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى رەسمىي ئىچىلدى . ياپونىيەنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كۆپلىگەن كارخانىلىرى مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەك ئەمەلىي ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، كېڭىشىش كەيپىياتى قىزغىن بولدى. ياپونىيەنىڭ نىئىگاتادىن كەلگەن « كائىنات سەنئەت بايرىمى ئۈچ يىل كۆرگەزمىسى » دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك خەلقئارا سەنئەت بايرىمىنىڭ بىرى ، بۇ سەنئەت بايرىمىنى جۇڭگو رايونىدا كېڭەيتىشكە مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئىمپورت كۆرگەزمىسى باشلانغان تۇنجى كۈنى ، يۈننەن ، گۇيجۇ ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئۆمىكى كېلىپ سۆھبەتلىشىپ، بۇ سەنئەت بايرىمىنىڭ ئىدىيەسى ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىغا قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى « كائىنات سەنئەت بايرىمى » ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئەلا سۈپەتلىك سۇپا بولۇپ ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئۆمەكلىرى ، كارخانىلار ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ، جۇڭگونىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى ئىككىنچى كۈنگە قەدەم قويدى ، مۇلازىمەت سودا كۆرگەزمە زالىدا ياپونىيە ساغلام تۇرمۇش لېكسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كېڭىشىش كەيپىياتى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر