- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خىرىستىيان دىنى دېموكراتلار ئىتتىپاقى مېركېلنىڭ ئىز باسارىنى كۆرسەتتى
2018.11.07 16:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل تەۋە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ رەئىسى نامزاتى بىلەن تونۇشۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ مەيدان يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە بىلەن ئاشكارىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە، سەككىز مەيدان يەرلىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ، 12 نەپەر نامزات بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلماقچى . نۆۋەتتە، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى 12- ئاينىڭ باشلىرىدا مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈشنى، شۇ چاغدا خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسىنى سايلاشنى قارار قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر