- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 100 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي يېرىنى شۈدىگەرلەش سىنىقىنى باشلىدى
2018.11.07 17:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىم دەريا ۋادىسىدا 100 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنى شۈدىگەرلەش سىنىقىنى يولغا قويدى ، شۈدىگەرلەش مەزگىلى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل بولىدۇ . بۇ قېتىمقى تېرىلغۇ يەر شۈدىگەرلەش شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلدى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى سىناق قىلىشى تېرىلغۇ يەرنى مۇنبەتلەندۈرۈش ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېچىشنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىر . بۇ قېتىم 100 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر شۈدىگەرلىنىدۇ، بۇ يەرلەر ئاساسلىقى كۈزگى بۇغداي تېرىش رايونىغا مەركەزلەشكەن ، قەشقەر بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر بىرى 50 مىڭ مو يەرنى شۈدىگەرلەيدۇ ،بۇنىڭدا ئاساسلىقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بېسىمى بەك چوڭ بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى پەسەيتىش ، تېرىلغۇ يەرنى تېخىمۇ مۇنبەتلەشتۈرۈش ، تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە قوغداش مەقسەت قىلىنىدۇ .
مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2017 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىليون موغا يەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە، كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 11 مىليون مودىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر