باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى، لىۋىيەنىڭ قانۇنسىز نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توسۇشقا ھوقۇق بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى

2018.11.07 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى 2441 - نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ ، لىۋىيەنىڭ قانۇنسىز نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى توسۇشقا ھوقۇق بېرىش مۇددىتىنى 2020- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2014 - يىلى ماقۇللىغان 2146 -نومۇرلۇق قارارىدا ئەزا دۆلەتلەرگە ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغان ۋە پاراخوتقا بايرىقى ئېسىلغان دۆلەتلەر قوشۇلغاندىن كېيىن ، ئالاقىدار پاراخوتنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ قېتىم ماقۇللانغان 2441 - نومۇرلۇق قاراردا بۇ ھوقۇق بېرىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى ، بۇ ھوقۇق ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر، لىۋىيەدىن قانۇنسىز ئېكسپورت قىلىنغان ياكى لىۋىيەدىن ئېكسپورت قىلىشىغا ئۇرۇنغان نېفىت قاچىلانغان ،توشۇلغان ياكى چۈشۈرۈلگەن پاراخوتلارغا تەتبىقلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر