باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرايلى

2018.11.07 17:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيا بويىچە «ئەڭ يېڭى، ئەڭ مودا، ئەڭ سۈپەتلىك» تاۋارلار يىغىلغان جايغا ئايلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان يولىغا ئايلىنىدۇ.

  داۋالاش ئەسۋابلىرى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ساغلاملىق بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يادرو ماگنىتلىق رېزونانىس ئەسۋابى ئەمدىلا قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇنغان ئىدى. كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى بىلەنلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەلىبىگە ئېرىشكەنلەردىن يەنە دۇنيا بويىچە ھەممىدىن كىچىك بولغان مىكرو يۈرەك قوزغاتقۇچ بار بولۇپ، تەڭگىچىلىك چوڭلۇقتا بولغىنى بىلەن ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. مۇشۇ كۆرگەزمە رايونىغىلا دۇنيادىكى 51 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 300گە يېقىن كارخانىسىنىڭ ئىلغان داۋالاش ئۈسكۈنىسى، يېڭى تېخنىكىسى ۋە يېڭى دورىسى يىغىلغان ئىدى.

  تېببىي دورا مەھسۇلاتىلا بولۇپ قالماستىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازىلىرى، ئەڭ مودا كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ۋە لايىھەلىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلاتتى، فىرانسىيە كورسىكا ئارىلىنىڭ كۆڭ ئۈزۈم ھارىقى، كانادانىڭ ئېرەن يوپۇرماقلىق شەربىتى قاتارلىق دۇنياۋى ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىككى كۆرگەزمە سارىيىغا لىق تولغان ئىدى.

  ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونىدا، 16 دۆلەتنىڭ 70كە يېقىن ئاپتوموبىل كارخانىسى ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىدىيەسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسى تۇرمۇشقا تەقلىد قىلغان بۇ مەنزىرىدە ئىستېمالچىلار بىر ئىستاكان قەھۋە سېتىۋېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىن داۋالاش، چاچ ياساتماقچى بولسا، سودا ئورۇنلىرىغا بارماستىن، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ مۇلازىمەت ماشىنىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرسا بولىدۇ.

  كۆرگەزمىخانا ئىچىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى گۈزەللىك تالىشىۋاتاتتى، كۆرگەزمە سىرتىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلار ئاكتىپ، قىزغىن ئىدى، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە تېخنىكىسى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانا ۋە مېدىتسىنا پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا ئىدى.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2010-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جۇڭگو ئىمپورت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل ئىمپورت سوممىسىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، بۇ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىمپورت ئىستېمال بۇيۇملىرىغا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر