باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.11.07 17:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك سۆزى ھەرقايسى ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ ئىجابىي ئىنكاسى ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

بىرازىلىيە JBS گۇرۇھى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ گۆش يېمەكلىكلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش ماگناتى، گۇرۇھنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىسۋۇدى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن ئىنتايىن ئىلھام ئالدىم، جۇڭگونىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىشى ۋە مۇمكىن قەدەر تېخىمۇ كۆپ دۆلەت كارخانىلىرىغا پۇرسەت يارىتىشى مېنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى ، بىز يەنە بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىلىشىنى كۈتمەكتىمىز، شىركىتىمىز ئاۋسترالىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كالا ۋە قوي گۆشلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىمۇ شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئېكسپورت كەسپىگە پايدىلىق.

جونسون جۇڭگو داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى سوڭ ۋېيچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى، بىز جۇڭگو بازىرىغا بولغان يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى كۈچەيتىمىز.

ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان جېجياڭ رۈيمەي ئىمپورت، ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ شۆفېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تولۇق كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ۋاكالەتچىلىك قىلغان چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، كۆرگەزمە باشلانغان كۈنىلا بىرقانچە كەسپى سېتىۋېلىش سودىگىرى كېلىپ بىز بىلەن كېڭەشتى، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ئاشتى، 20مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا قىلماقچىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر