باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش

--رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزى توغرىسىدا

2018.11.07 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، دەۋر ئېقىمى داغدۇغىلىق بولىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، پەقەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتقاندىلا، ئاندىن قەددىنى رۇسلاپ، كەلگۈسىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.

  دۇنيادىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ھەمدە ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزىدە، تارىخىي قانۇنىيەتنى كۆزىتىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ھەمدە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىك مەسلەكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇ نۇتۇق سۆزىدە،بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىدىن دۇنياغا ئۇچۇر يەتكۈزدى.

  ئىنسانلار ئەلۋەتتە تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇيالايدۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنسا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ، ئەمما،ئۇلار تارىخىي قانۇنىيەتنىڭ رول ئوينىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئامالسىز.ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى دەرۋەقە تاۋار ۋە كاپىتالنىڭ ئايلىنىشىنى، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى،ھەمدە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئالاقىلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇ ھەم ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر، ئۇنى قايسى بىر ئادەم ياكى قايسى بىر دۆلەت ياساپ چىققان ئەمەس. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «ئۇ بىر تارىخىي يۈزلىنىشتۇر، دېمەك،ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس.» دۇنيا ئىقتىسادى بىر دېڭىزدۇر، سىز مەيلى ئۇنى خالاڭ ياكى خالىماڭ، ئۇ يەنىلا شۇ يەردە تۇرۇۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مەبلەغ ئېقىمى، تېخنىكا ئېقىمى، مەھسۇلات ئېقىمى، كەسىپ ئېقىمى ۋە خادىملار ئېقىمىنى سۈنئىي ئۈزۈپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھەم تارىخ ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ تارىخىي ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇ جەزمەن ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋېرىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر