- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى چيەن يىنئەن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ
2018.11.02 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى چيەن يىنئەن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
چيەن يىنئەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
چيەن يىنئەن. ئەر، خەنزۇ، 1964- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى شىئەنلىك. 1983- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى.
ئىلگىرى، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى باچاۋ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رايوننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چاڭئەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى، شىئەن شەھىرى چاڭئەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى، رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىئەن شەھىرى يەنتا رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر