باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق: ئالتۇن ئىمپورت-ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات تورى ئارقىلىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى

2018.11.02 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: پورتلارنىڭ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان سودىلارنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى «بانكىلارنىڭ خەلق پۇلىنى چېگرادىن يۆتكەپ چىقىرىش ۋە توشۇش ئىسپاتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خەلق پۇلى يۆتكەپ توشۇش ئىسپاتى» دېيىلىدۇ) ۋە «ئالتۇنلار ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئالتۇن ئىجازەتنامىسى» دېيىلىدۇ)غا ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات تورى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق بانكىسىنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى «خەلق پۇلىنى يۆتكەش ئىسپاتى» ۋە «ئالتۇن ئىجازەتنامىسى»نى چوقۇم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىمزا قويۇپ ئاندىن تارقىتىشى كېرەك، ھەمدە «خەلق پۇلى يۆتكەش ئىسپاتى» ۋە «ئالتۇن ئىجازەتنامىسى»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتىنى تاموژنىلارغا ۋاقتىدا يوللاپ بېرىشى كېرەك. تاموژنىلار چوقۇم تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىلىرىدا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش قىلىشى، ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىلىرى چوقۇم نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەر بويىچە، ھەمدە ئەينەن ۋە قائىدە بويىچە تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشلىرى كېرەك.ئىناۋەتلىك ۋاقتى 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولغان«ئالتۇن ئىجازەتنامىسى»غا كەلسەك، كارخانىلار قوللىرىدىكى قەغەز گۇۋاھنامىلەر ئارقىلىق تاموژنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر