خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىزاڭنىڭ ساياھەت تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، «شىزاڭنى قىشتا ساياھەت قىلىش»قا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتىدە، بۇدالا سارىيى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېلەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى يولغا قويىدىكەن. شۇ مەزگىلدە، ساياھەتچىلەر ئىناۋەتلىك كىملىكى ئارقىلىق كۆزنەكتە ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىش كارتىسىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن.
بۇدالا سارىيىنىڭ ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جانلانغان پەسىلنىڭ بېلەت باھاسى 200 يۈەن، 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سۇس پەسىلنىڭ بېلەت باھاسى 100 يۈەن بولىدۇ. ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە مەزگىلىدە، ياخشى ساياھەت تەرتىپىنى ساقلاش، ھەمدە ياغاچ قۇرۇلۇشلارنىڭ بېسىمىنىڭ بەك زور بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنى توشۇش مىقدارى 5000 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن چاغدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يىل 8- ئايدا يېڭىدىن ئېچىلغان 2- نومۇرلۇق ئېكسكۇرسىيە لىنىيەسىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىدا يېڭىدىن 2000 ئادەم سانى كۆپەيدى؛ ساياھەتچىلەرنى توشۇش مىقدارى 7000ئادەمدىن ئاشقاندا، ئېچىلمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى