سۈرەتتە: 1-نويابىر تارتىلغان چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجوۋدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى سۈزۈش نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ ۋەنجوۋدىكى ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 15كىچە، 13 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، سالاھىيىتى بېكىتىلگەن.
31-ئۆكتەبىر سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قۇتقۇزۇش- بىر تەرەپ قىلىشنى تەشكىللىدى، ۋەنجوۋ چاڭجياڭ 2-كۆۋرۈكىدە دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس سۈزۈپ چىقىلدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى كېچىلەپ ئاختۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 15كىچە، 13 نەپەر قازاغا ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتىنى تاپقان بولۇپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، يەنە ئىككى كىشى يوقاپ كەتتى. نۆۋەتتە، يەرلىك قوراللىق قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دېڭىز ئىشلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ھەمدە چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئالاقىدار رايونلار يوقاپ كەتكەنلەرنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە. ھادىسىنى تەكشۈرۈش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تەسەللى بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى