باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شېن يۆيۆ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

2018.11.02 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 1-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. شېن يۆيۆ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  يىغىندا ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. خۇاڭ شياۋۋېي، ساڭدىڭ دوجىپامۇ دېچىڭچۇ، جاڭ شياۋلەن، چېڭ خۇڭ، شيا جيې، تەن لىن، ساۋ شۇمىن، يۈ يەنخۇڭ، ۋۇ خەييىڭ، شى دەي، سۇڭ يۈشۈي، ليۇ ياڭ، چېن خۇالەن، مېڭ مەن قاتارلىق 14 يولداش مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. ۋەن شياڭلەن قاتارلىق 40 يولداش مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  ئارقىدىن ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا خۇاڭ شياۋۋېي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىلىقىغا، جاڭ شىياۋلەن، شىيا جيې، تەن لىن، ۋۇ خەييىڭ، جاۋ ۋېن، سەي شۇمىن، جاڭ دۇڭمېي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر