خەلق تورىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەچ كۈز پەسىلىدە، شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە مىليون مو سازلىق ئورمانلىقى ساپسېرىق سارغىيىپ، ئالتۇن تۈسكە كىردى. پاكىز تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زور كۆلەمدىكى سۇ تۇرنىسى، ياۋاغاز، ئاق قۇ، قاقىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە بىر مەزگىل ياشايدۇ، ئۇلار ئورۇلۇپ بولغان ئېڭىزلاردا يېمەكلىك ئىزدەيدۇ ياكى سازلىقلاردا سۇ ئوينىشىدۇ، ياكى قانىتىنى كېرىپ ئېگىز ئۇچۇپ، گۈزەل ئېگىزلىكتە مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى «قۇشلارنىڭ جەننىتى» دېيىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى