باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بىرىنچى پەسىللىك قويۇپ بېرىشى ئېغىر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى

2018.09.18 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 2018- يىلى 1- پەسىلدىكى ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بۇلغىما چىقىرىدىغان 158 نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1- پەسىلدە ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ كەسىپ تۈرلىرى ۋە رايونلارغا جايلىشىش جەھەتتە نىسبىي مەركەزلىشىش خاراكتېرى كۆرۈلگەن. كەسىپ تۈرلىرىدىن قارىغاندا، يېزا- بازارلاردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى 78گە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %49ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى 26 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %16ىنى ئىگىلىگەن؛ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسى 14 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %4.9ىنى ئىگىلىگەن؛ بوياقچىلىق كارخانىسى توققۇز بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %6ىنى ئىگىلىگەن؛ رەڭلىك مېتال تاۋلاش كارخانىسى يەتتە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %4ىنى ئىگىلىگەن، باشقا تىپتىكى كارخانا 24 بولغان. رايونلار بويىچە تارقىلىشىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ (23 كارخانا)، سەنشى (17 كارخانا)، ئىچكى موڭغۇل (17 كارخانا)، جېجياڭ (15 كارخانا)، لياۋنىڭ (13 كارخانا) ۋە خېبېي (11 كارخانا) قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ سانى كۆپرەك بولۇپ، جەمئىي 96 كارخانا بار بولغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %61ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: تيەنجىن ئىگىلىك تىكلەش مۇھىت ئاسراش پاي چەكلىك شىركىتى شيەنياڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، بېيكوڭ (داشىچياۋ) سۇ ئىشلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 26 نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆپ ھەمدە ئۇزاق مەزگىل ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان، تەكرار تۈزەتمىگەن، ناچار تەسىرى چوڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردىكى بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 14ى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن توققۇزى، كۆمۈر خىمىيە سانائەت كارخانىسىدىن ئۈچى بار. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئۇلارغا ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئورۇنلارغا بېجىرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، جاۋابكارلىقىنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر