باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يۇڭ يېڭى دەۋردىكى مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2018.09.17 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ 16- سېنتەبىر، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى. يىغىندا، ۋاڭ يۇڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپلار ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مېيىپلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىجىل ياخشىلاندى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز چوقۇم مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات مېيىپلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، مېيىپلار مائارىپى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەمدە توسالغۇسىزلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مېيىپلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر