باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇدۇڭ رىۋايىتى: ئېچىۋېتىش باشلامچىسى (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

2018.09.18 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاڭجياڭ دەرياسى ئەجدىھا كەبى تىنچ ئوكيانغا قاراپ چاپىدۇ، «ئەجدىھا بېشى»نىڭ دېڭىزغا كىرگەن يېرىدە، بىر «ئەجدىھا بۇرۇتى» − خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى جەنۇبقا ساڭگىلاپ، بۈيۈك شاڭخەينى پۇشى ۋە پۇدۇڭغا بۆلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا: «جۇڭگونىڭ 100 يىلىنى كۆرمەكچى بولساڭلار شاڭخەيگە بېرىڭلار»، دېگەن ئىدى.

  100 يىلدا، پۇشى بىلەن پۇدۇڭنىڭ ئىككى قېتىملىق 28 يىل ھالقىغان مۆجىزىسى بار.

  بىرىنچى 28 يىل: 1921-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە، 13 تالىپ سىرلىق ھالدا پۇشىدىكى فىرانسىيە كونسېسسىيەسىدىكى بىر كىچىك يولغا كىرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 نەچچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەزاسىغا ۋەكىل بولۇپ پارتىيە قۇردى. قىسقىغىنا 28 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ياشىنىپ قالغان جۇڭگونى خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ كىردى.

  شاڭخەيدىن يولغا چىققان قىزىل ئىنقىلاپ يېڭى جۇڭگونىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  ئىككىنچى 28 يىل: 1990- يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، پۇدۇڭدىن ئىبارەت بۇ ئاۋاتلىقى يوقالغان تىمتاس سەھرادا، بىردىنلا دۇنياغا ئەڭ يېقىن بولغان زامانىۋى يېڭى شەھەر كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، جۇڭگو «يۈكسەكلىكى»نى توختىماي يېڭىلىدى. قىسقىغىنا 28 يىلدا، كەمبەغەل پۇدۇڭغا 30 مىڭ چەت ئەل كارخانىسى، 281 دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ رايون باش ئىشتابى توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسمى لۇجيازۈيگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەل مەبلىغى ئەڭ زىچ، چەت ئەل مەبلىغى بانكىلىرىنىڭ مۈلكى ئەڭ كۆپ بولغان رايون بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قالدى. پۇدۇڭ ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1990-يىلىدىكى 6 مىليارد يۈەندىن 2017-يىلىدىكى 965 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ يىل 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ؛ مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن 393 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 357 ھەسسە ئاشتى. يەر كۆلىمى 1210 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن پۇدۇڭ رايونى شاڭخەينىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى ياراتتى.

  پۇدۇڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىلىشى، جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىدىن دېرەك بەردى.

  2010- يىلى، شى جىنپىڭ پۇدۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: «پۇدۇڭنىڭ تەرەققىيات ئەھمىيىتى __ ئۇنىڭ كۆزنەكلىك رولى ۋە ئۈلگە بولۇپ سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاۋال قول سېلىپ سىناپ، باشلامچىلىق بىلەن رول ئوينىغانلىقىدا»، دېگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر