باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى 73- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە دومىنىكا، گىۋىيانا، سۇرىنامدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

2018.09.18 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17- چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 73- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى نيو يوركتىكى باش ئىشتابتا ئېچىلىدۇ. ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى 25- چېسلادىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆمەك باشلاپ، ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە سۆز قىلىدۇ، ھەمدە ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى قوغداش، ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

  دومىنىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارگاس، گىۋىيانانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى گېرىنىدگى ۋە سۇرىنام دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىخىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ۋاڭ يى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە دومىنىكا، گىۋىيانا ۋە سۇرىنام قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر