باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2018.08.29 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى راكقا قارشى دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ...

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە 2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت ۋەزىپىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «‹خىزمەت ۋەزىپىسى› داۋالاش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا يېتەكلەيدىغان مۇھىم ھۆججەت بولۇپ، روشەن بولغان يېتەكچىلىك، سىجىللىققا ئىگە». «خىزمەت ۋەزىپىسى» بەش تۈرلۈك ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى چۆرىدەپ، داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا ئىسلاھاتتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن بولۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئىنچىكىلىككە، تۈزۈملىشىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «خىزمەت ۋەزىپىسى»دە، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش توختام مۇلازىمىتى ئالدىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلىنىدۇ.

  زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، «خىزمەت ۋەزىپىسى»دە، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەننەرخ ۋە كىرىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسىدا، باھانى ۋاقتىدا، جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ؛ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دورا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال قاتارلىق ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشكە بوشلۇق ئاجرىتىلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تەڭشىلىپ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. جايلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، دورا مۇلازىمىتى قىممىتىنى ئۈنۈملۈك نامايان قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا پۇقرالارنىڭ «كېسەل كۆرسىتەلىشى» بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ؟ «خىزمەت ۋەزىپىسى» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنە 40 يۈەن كۆپەيتىلىپ، يېرىمى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. ماس قەدەمدە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەملىكەت بويىچە كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق تۆلەش ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تۆلىنىدىغان كېسەللىك سانى قاتارلىقلار تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر