باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق چوڭ دېلولارنى بېجىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، يىپ ئۇچى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىدۇ

ج خ مىنىستىرلىقى قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.08.29 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 28-ئاۋغۇست تەييۈەن شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قارا- رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشتىن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەركەزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەخسۇس تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەشنى 1-قول رەھبەر قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ ئۆتكىلى ۋە مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بايقاش ۋاقتىدا بولۇش، تەكشۈرۈش توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئامانلىق ساقلاشتىكى قالايمىقان نۇقتىلارغا قارىتا دومىلىما رەتكە تۇرغۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ساھە، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە قارىتا تور يېيىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ قەتئىي تەكشۈرۈپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى چىۋىن يوقىتىشنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، «بىر دىلونى ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقچى ئىنتىزامىنى قەتئىي تەرتىپكە سېلىپ، سەپنى ساغلاملاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر