- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلققە قولايلىق 22 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئېلان قىلدى
9-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى باشقا جايدا ئالماشتۇرۇش(تولۇقلاش)قا بولىدۇ
2018.08.29 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28-ئاۋغۇست جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ياخشىلاشنىڭ 22 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، 2019-يىلى 1-پەسىلدىن بۇرۇن باسقۇچ ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويىدىكەن.
بۇ تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىلغان ئىسلاھات يېڭى تەدبىرى ئاساسلىقى ئالتە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمەن ۋە چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك توردا ئىش بېجىرىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىش بېجىرىش، گۇۋاھنامە بېجىرىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى تىرىشىپ يېنىكلىتىش؛ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پورت، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ سىياسەت-تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش؛ كۆزنەكنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش؛ نازارەت قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش.
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈ يۈنخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل 2-ئاپرېل قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەينەن ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلغان 59 دۆلەت كىشىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش ساياھەت ۋىزىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتە پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىشكە «بىر قېتىم قاتراش» قاتارلىق يېڭى سىياسەتلەرنى چىقاردى. يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى «توردا بېجىرىش»، «باشقا جايدا بېجىرىش»، «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش»، «ئاسان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىكلەر، قاتناش قوراللىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىپ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا ساياھەت، خىزمەت، سودا ئىشلىرى، ئىگىلىك تىكلەشكە كېلىشىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر