باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 45 مىڭ 300ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 61 مىڭ 500 كىشى جازالاندى

2018.08.29 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 45 مىڭ 300نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 61 مىڭ 500 كىشىنى جازالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 32 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، 30 كىشى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان (قىسمەن كىشىلەرگە ھەم پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ھەم تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان)، 1300 كىشى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  ئىگىلىنىشچە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 45 مىڭ 300 مەسىلە ئىچىدە، چىرىكلىك مەسىلىلىرى %42.16نى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى %35.51نى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرى %22.33نى ئىگىلىگەن. چىرىكلىك مەسىلىلىرى ئىچىدە، تۇتۇۋېلىپ ئىشلىتىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش مەسىلىلىرى كۆپرەك يۈز بېرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، %23.29، %19.34، %17.98نى ئىگىلىگەن؛ يېيىش، ئېلىش، قىسىش، سوراش ۋە پارا بېرىش-پارا ئېلىش مەسىلىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.77، %2.76نى ئىگىلىگەن. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئىچىدە يۈزەكى مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ %26.7نى ئىگىلىگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ تەدبىر بەلگىلەش، ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.24، %8.57نى ئىگىلىگەن. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرى ئىچىدە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت مەسىلىلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %49.08، %47.56نى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى %3.36نى ئىگىلىگەن.

  جازالانغان 61 مىڭ 500 كىشى ئىچىدە، كەنت كادىرلىرى %61.28نى ئىگىلىگەن بولۇپ، يەنىلا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئاساسلىق سۇبيېكت بولغان، لېكىن ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقىدىن %11.9 تۆۋەنلىگەن؛ يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر %38.02نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن %11.78 ئاشقان؛ نازىر-ئىدارە باشلىقى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىردىن 11ى باركەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتتا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، رەھبىرىي كادىرلار ۋە 1-قول مەسئۇللار گەۋدىلەندۈرۈلگەن. جازالانغان 61 مىڭ 500 كىشى ئىچىدە، 16 مىڭ 500 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي ساننىڭ %26.83نى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 807 ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %15.89 ئېشىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى %32.17نى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر