باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۇدا توققۇز يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھلىرىغا ئايلاندى

2018.08.29 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 28- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە: جۇڭگو - ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سودا تەدبىرلىرى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولدى. ھازىر جۇڭگو-ئافرىقا سودا مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇلماقتا.بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ئۇدا توققۇز يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى.

  2015- يىلى 12- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو - ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، سودا تەدبىرى بۇ «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»دا خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.بۇ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سودا خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  2017- يىلى جۇڭگو-ئافرىقا سودا سوممىسى 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى. بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، جۇڭگو - ئافرىقا سودا سوممىسى 98 مىليارد 800 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشتى. جۇڭگونىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئافرىقىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ساقلاپ قالغان.

  «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئافرىقىدا قۇرغان ۋە قۇرۇۋاتقان تۈرلىرى، ئافرىقىغا يېڭىدىن سېلىنغان 30 مىڭ كىلومېتىرلىق تاشيول مۇساپىسى، پورتلارنىڭ يىلىغا 85 مىليون توننىلىق قوبۇل قىلىش - چىقىرىش ئىقتىدارى، ھەر كۈنىگە توققۇز مىليون توننىدىن ئاشىدىغان پاكىز سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، 20 مىڭ مېگاۋات توك تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە 30 نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان توك يەتكۈزۈش يولى قاتارلىقلارنىڭ كۆپەيتىلىشىگە ياردەم قىلدى، ئافرىقىنى 900 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى 20 نەچچە رايوندا كەسپىي مائارىپ مەركىزى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى تۈرلىرىنى يولغا قويدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئافرىقىدا ئافرىقا تەرەپ ئۈچۈن 200مىڭ نەپەر تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بەرمەكچى. جۇڭگودا تەربىيەلەنگەن ئافرىقا تەرەپتىكى ئەمەلدار ۋە تېخنىكا خادىملىرى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ. جۇڭگو يەنە ئافرىقا ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىگە، نامراتلارنى ئازايتىشقا، ئاممىۋى گىگېنا ۋە سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە نەچچە يۈز تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، داۋالاش ئەترىتىدىن 1500 ئادەم (قېتىم)نى ئەۋەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە داۋالىغان بىمارلارنىڭ سانى 460 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر