سۈرەتتە: 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ «دوستلۇققا مەدھىيە» ناملىق ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈمىد پەيتى، مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلمەكتە. 2006- يىلىدىكى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە 2015-يىلىدىكى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، 2018-يىلى 9- ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسى يەنە جەم بولىدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشتەك ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمەيدۇ، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسى تېخىمۇ قالتىس يېزىلغۇسى.
مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، كۆپلىگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ب د ت باش كاتىپى، خەلقئارا ۋە ئافرىقا رايونىدىكى 27 تەشكىلات بېيجىڭغا يىغىلىدۇ، چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشقان ئادەم سانى بۇ يىلقى جۇڭگو ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى يارىتىدۇ.
بۇنىڭ كەينىدىكىسى، جۇڭگو- ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ قېرىنداشلىق دوستلۇقىغا بولغان قەدىرلىشىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى