باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.08.28 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 ـ يىغىنى 27 ـ چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئەزاسى شۈ خۇينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لايىھەنىڭ 4- قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىسى تىجارەتچىنىڭ تولۇقلىما تۆلەم جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە تاپشۇرغان ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لايىھەنىڭ 3- قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىيەنى كۈچەيتىش، «بۇلغىغۇچىلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش»نى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاترالىقلار گەۋدىلەندى.

  يىغىندا يەنە شۈ خۇينىڭ شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لايىھە تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىگە قولاق سېلىندى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈم كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، لايىھە ماددىمۇ ماددا قاراپ چىقىلدى. شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىش سالمىقىنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارنى بېقىش چىقىمىنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ بەلگىلىمىلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر يېڭىدىن قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر