باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 7353 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2018.08.28 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 27-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر 5178 قېتىم بولۇپ، 7353 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 5101 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  7-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەر ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 1376 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل بېرىش- ئېلىش مەسىلىسى 992 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى 690 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى 657 قېتىم، توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى 504 قېتىم، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش بىلەن تەمىنلەش ياكى قۇبۇل قىلىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش-چېنىقىش پائالىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى ئىشلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر 464 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەت قىلىش مەسىلىسى 314 قېتىم، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر 181 قېتىم بولغان. 7-ئايدا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت-نازىر دەرىجىلىك كادىر 67 نەپەر، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىر 496 نەپەر بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر