باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» جامائەت مەنپەئىتى دەۋالىرىنى تەپتىش قىلىشنى مەخسۇس نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

توردا يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى قىلىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2018.08.29 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى «مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى مەخسۇس نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇپ، توردىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش- قىلماسلىق مەسىلىسى بۇ قېتىمقى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارقاتقان لايىھەگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئۈچ جەھەتتىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرىدۇ: دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرى، مەكتەپ ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا زەھەرلىك، زىيانلىق ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى سېتىش قىلمىشى ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى؛ توردىكى يېمەك- ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى؛ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەخسۇس نازارەت قىلىش پائالىيىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازىرىدا سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىكلەر ۋە توردىكى يېمەك-ئىچمەك ھەمدە سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا چېتىلىدىغان جامائەت مەنپەئىتى دەۋا دېلولىرىنى بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ يۈرگۈزگەنلىكى ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى تۈزىتىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، «مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر