باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.07.11 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، پۇختا تورلاشتۇرۇش، مېخانىزم ئورنىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، مېيىپ بالىلارنىڭ ئاساسىي سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ماس كېلىدىغان مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مېيىپ بالىلارنى قۇتقۇزالىغۇدەك بولسىلا ئىمكانقەدەر قۇتقۇزۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2025-يىلىغا بارغاندا، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپ بالىلارنى ئاساسىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىلەندۈرۈپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.«پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش ئوبيېكتى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، گەپ قىلىشى، پۇت-قولى، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز قاتارلىق مېيىپ بالىلار ۋە تەنھالىق كېسىلى بار بالىلارنى، يەنى شەھەر-يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى مېيىپ بالىلار ۋە بالىلار پاراۋانلىقى ئاپپاراتى بېقىۋالغان مېيىپ بالىلار؛ مېيىپ يېتىم بالىلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مېيىپ بالىلار؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار باشقا مېيىپ بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شارائىتى بار جايلار، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش ياش چېكىنى چوڭايتسا، قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش ئوبيېكتى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىغا قويۇلىدىغان چەكنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش مەزمۇنى فۇنكسىيەنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى يېنىكلىتىش، فۇنكسىيەنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش ۋە جەمئىيەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان ئوپېراتسىيە، قوشۇمچە سايمانلارنى سەپلەش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر