باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مۈلكىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ

20-ئىيۇلدىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ

2018.07.11 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى يېقىندا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مۈلكىي خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ قېتىملىق ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ خادىم قوبۇل قىلىش يېڭى مۈلكىي خادىملار تۈزۈمىنىڭ قايتا قۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ تەلىپىگە پائال ماسلىشىپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۈلكىي خادىملار نىزامى» ۋە يانداش سىياسەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسلىقى ئاساسىي كەسىپ تۈرىدىكى، مۇھىم ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا بىر تۈركۈم مۈلكىي خادىملارنى قوبۇل قىلىشى؛ ئۆلچەم، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى نىشانلاپ، ئىش ئورنى تەلىپىنى توغرا ئانالىز قىلىپ، ئىجازەت شەرتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى بويىچە ئادەمنى دەل جايىدا تاللاپ، مۈلكىي خادىملار قوشۇنى ساپاسىنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئاشكارا، ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورنى سانى، سالاھىيەت شەرتى، تاللاش تەرتىپى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە «تۆتتە ئاشكارا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش پۈتۈن جەريانىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك. پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 12-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىدا تىزىملاتسا بولىدۇ، 26-ئاۋغۇست پۈتۈن ئارمىيە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا تەشكىللەيدۇ. ئىمتىھان مەزمۇنى ئاممىۋى پەن ۋە كەسپىي پەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىش دائىرىسى، مەزمۇنى ۋە كونكرېت تەلىپى ئارمىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىپ تەستىقلاش، تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالاش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر