باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەنپەئەتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرايلى

___ خەلقئارادىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2018.07.11 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تومۇزدىكى بېيجىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تارىخىي يىغىلىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 10-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى زاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئورتاق تونۇشىنى قوزغىدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بىردەك مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بولۇپ، ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى چەمبەرچاس باغلاپ، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەنپەئەتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گەيىت بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سانىنىڭ مۇنبەر تارىخىدىكى يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئەرەب دۆلەتلىرى-جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەت ياكى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان پائالىيىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بىز ئەرەب دۆلەتلىرى-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى باشلىدۇق.

  جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن يىپەك يولىدا جاراڭلىغان تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراق ئاۋازلىرى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ تۆت يىل ئىلگىرى ئەرەب دۆلەتلىرىگە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەكلىپى بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشىشى بىلەن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، يارقىن نۇقتىلارنى ياراتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار: بۇ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچىدۇ، دەپ قارىدى.

  ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماساخېل مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇغراپىيەلىك چەكلىمىدىن ھالقىپ، مەقسەت ۋە نىشانى ئوخشاش تەرەققىيات ھەمراھلىرىنى بىر يەرگە جەملىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغاندىن كېيىن زور ئىلھاملاندىم. سۆزدە جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ئابىدە تىكلىدى.

  يەمەننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى رىئاد ئاكبارى مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى بىردەك ماقۇللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ بۇنچە قارشى ئېلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىنتىلىدىغان تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئورتاق ئارزۇسىنى يۈكلىگەنلىكىدە.

  ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى ۋەزىرى سافادى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  يىغىننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ رەئىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبېئىر مۇنداق دېدى: بىز ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللايمىز ۋە قارشى ئالىمىز. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ چەمبەرچاس باغلاپ، ئەرەب ئەللىرى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر