- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۆك نامرات رايونلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ھالەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2018.07.10 14:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، گۇاڭشىنىڭ بەيسې شەھەرلىك پارتكومى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات جەمئىيىتى، خەلق گېزىتىنىڭ «خەلق مۇنبىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىرلىكتە باشقۇرغان كۆك نامرات رايونلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ھالەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى بەيسې كادىرلار ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆك نامرات رايونلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ھالەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە دوكلاتتوپلاندى.
يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات جەمئىيىتى بەيسې شەھىرىگە 2000 دانە سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ۋە 2000 دانە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيە چىرىغى ئىئانە قىلدى؛ بەيسې شەھىرى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانىسىغا 5000 ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئورۇندۇق ئىئانە قىلدى، ئۇلارنىڭ قىممىتى 30 مىليون يۈەنگە يەتتى. بەيسې شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات جەمئىيىتى «نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك ھالەتتە قۇتۇلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر