باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.06.19 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويۇش تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، «تىزىس»تا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسى پىرىنسىپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردە قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  تىزىستا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قىزىل گېنغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىش – يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىيغا تايىنىپ قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئۇل قۇرۇلۇش، بۇ كوماندىر- جەڭچىلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستىن چىقارماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەۋقەنى روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، ئېتىقادى پولاتتەك مۇستەھكەم، قەتئىي ئىشەنچلىك، پولاتتەك ئىنتىزامچان، قاتتىق مەسئۇلىيەتچان، ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قۇشۇن بەرپا قىلىشقا قويۇپ، مۇستەھكەم مەنىۋى تۆۋرۈكنى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى چىڭىتىش ۋە روھ يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىش، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە سىڭىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، ئېتىقاد يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ ئادەم تەربىيەلەپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېننى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ قەيسەر روھنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇلنى مەڭگۈ مۇستەھكەملىشى، ئەۋزەللىكنى مەڭگۈ ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسىي ئوزۇق ۋە قۇدرەتلىك تۈرتكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر