باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭداۋ ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

(شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا نەزەر)

2018.06.07 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭداۋ «ليۇتىڭ»خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە چىڭداۋ ۋوگزالىدىن چىقسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامىللىرى نامايان بولىدۇ: «‹شاڭخەي روھى›نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىجىل تەرەققىياتنى بىرلىكتە كۆزلەيلى» «چىڭداۋنى سىزنى قارشى ئالىدۇ»….. شەھەر رايونىغا كىرسىڭىز رەڭگارەڭ دېڭىز ئوكيان دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز: چىڭداۋ باشلىقلارغا يىغىنىنى قارشى ئېلىشقا ئالاقىدار رەڭگارەڭ شوئارلار، يول بويىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان ئەتىرگۈل، سەنجياۋمېي قاتارلىق پەسىللىك چىرايلىق گۈللەر، جۇڭگو قىزىلى بولغان بايراملىق پانۇسلار خۇشال كەيپىياتنى نامايان قىلىپ تۇراتتى…

  چىڭداۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى 18-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا تەييارلىنىپ بولدى. دۇنيا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى قانداق پىلانلاپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا قانداق يېڭى تۈرتكىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قۇلاق سالىدۇ.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساداسىغا دۇنيا قۇلاق سالماقتا

  6-ئىيۇن ئەتىگەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسى» بۇ يەردىن دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا تارقىلىدۇ.

  ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئازادە، يورۇق چوڭ زالىغا كىرسىڭىز، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنىڭ 1- تومى، 2- تومىنىڭ كۆپ تىللىق نۇسخىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى قاتارلىق كىتاب ۋە نەشر بۇيۇملىرى قويۇلغان كۆرگەزمە ئورنىدا نۇرغۇن مۇخبىر بۇ كىتابلارنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈۋاتقان ئىدى، بىراق ھايال ئۆتمەي تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرۇلماي قالدى. كۈلۈمسىرەپ تۇرغان پىدائىيلار، يول كۆرسىتىپ تىنچلىق سورايدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ ئالدىڭىزغا چىقىشى ئىشىك ئالدىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدىكى «دوستلار كەلسە يىراقتىن، خۇشال بولىمەن يۈرەكتىن!» دېگەن شوئارنى دەلىللىدى.شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماۋ جيالۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي كۆلىمى 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاخبارات مەركىزىمىزدە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، تاراتقۇلار ئاممىۋى خىزمەت رايونى، تاراتقۇلار مەخسۇس خىزمەت رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى، ئاڭلىتىش- تارقىتىش بۆلۈمى قاتارلىق 14 فۇنكسىيەلىك رايون، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى، ئاممىۋى خىزمەت رايونى، يىغىن زىيارىتى، ئالاقىچىلىك كاپالىتى قاتارلىق 29 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان 3000 مۇخبىرنى مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر