باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى دېلوسىدىن 3700دىن ئارتۇقى پاش قىلىندى

2018.06.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنى بۇلغاش قاتارلىق مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، باسقۇچلۇق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 3700دىن ئارتۇق مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى دېلوسىنى پاش قىلغان، 5730دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 211 دېلونى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان.

  جىنايى ئىشلار قانۇنى ئارقىلىق قوغداش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم كاپالىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا چېتىشلىق خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك قالقانغا ئىگە قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە پائال ئورتاق كۈچەپ، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يول ئېچىشقا تەشكىللەپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۈرلۈك مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى دېلوسىدىن 8000دىن ئارتۇقنى پاش قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خېبېي ۋۇجى ناھىيەسىدىكى سانائەت كېرەكسىز سۇيۇقلۇقىنى قانۇنسىز تۆكۈش سەۋەبىدىن بەش كىشىنىڭ قازا قىلىش دېلوسى، شاڭخەيدىكى ئون مىڭ توننا ئەخلەتنى ئوغرىلىقچە تەيخۇ كۆلىگە تۆكۈش دېلوسى، ئەنخۇي تۇڭلىڭ شەھىرىنىڭ ئون مىڭ توننا قاتتىق تاشلاندۇقنى چاڭجياڭ دەرياسىغا تۆكۈش دېلوسى قاتارلىق بىر قاتار زور دېلولارنى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ پاش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇلغاپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر