- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدا ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ
2017.12.08 15:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا تورداشلارنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا سۆز قالدۇرۇپ، «يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدا شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نېمىشقا ھەر يىلى ئۆسىدۇ» دەپ سورىغان سوئالىغا 6-دېكابىر جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر-يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسى دەسلەپكى سىناق مەزگىلىدىكى ھەر كىشىنىڭ يىلىغا 30 يۈەندىن تەدرىجىي ئۆسۈپ 2017-يىلى 630 يۈەنگە چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى 20 يۈەندىن 450 يۈەنگە، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق 10 يۈەندىن 180 يۈەنگە يەتتى، مالىيە تولۇقلىما پۇلىنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندى يىللىق مەبلەغ توپلاش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن ئەمەلىي نىسبىتى تەخمىنەن %70-%80.
سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالەت ئىقتىدارى تەدرىجىي كۈچەيدى. سىياسەت دائىرىسىدە بالنىستتا يېتىپ ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتى سىناقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى %35تىن ھازىرقى تەخمىنەن %75كە، ئەڭ يۇقىرى تۆلەم سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدى. ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن %50كە يەتكۈزۈلدى. 2016-يىلى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان دېھقانلار ئوتتۇرىچە 2.4 قېتىم نەپ ئالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر