باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈگۈرۈپ ئىسسىنىشى»غا ئىنكاس قايتۇردى

2017.12.08 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان شىمالدىكى قىسمەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر پار بەرمىگەچكە، ئوقۇغۇچىلار «يۈگۈرۈپ ئىسسىنىشقا مەجبۇر بولدى» دېگەن ئەھۋاللارغا تۈنۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ئورۇنلاردىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ئىللىقلىقنى بالىلارنىڭ قەلبىگىچە ھەقىقىي يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدۇق دېدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ بالىلارغا ھەقىقەتەن ئىچىمىز ئىنتايىن سىيرىلدى ھەم ناھايىتى تىت-تىت بولدۇق. مىنىستىرلىقىمىز بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى ئېنىق تەلەپ قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار ئۆلكىلەرگە ھەيدەكچىلىك ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈپ، ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر